پاختەكلە يېزىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
پاختەكلە يېزىسى قەشقەر شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بۇلۇپ، شەرقىي تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسى، غەرب تەرىپى زەمىن يېزىسى، لەڭگەر يېزىسى، جەنۇب تەرىپى قىزىلسۇ دەرياسى ۋە ئوغۇساق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى قىزىل دەريا تارمىقى ۋە سەمەن يېزىسى بىلەن قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئەڭ بەك ئۇزۇنلىقى 16 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ بەك كەڭلىكى 44 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 39.89 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 11.5 كىلومېتىر كېلىدۇ.
پاختەكلە يېزىسى
帕哈太里克乡.Paxtekle town | |
قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
شەھەر | قەشقەر شەھىرى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 6 دانە |
نوپۇس | 14 مىڭ |
يەر مەيدانى | 39.89 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
شەھەر باشلىقى | يالقۇن ماخمۇت |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
تور بېكەت | قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |