كۇچار شەھىرى
From Wikipedia, the free encyclopedia
كۇچار شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كۇچا شەھىرى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى بۈگۈر ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 193 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 164 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 13 يېزا، 216 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 745 كىلومېتىر.
كۇچار شەھىرى
库车市.Kuchar City | |
كۇچار شەھىرىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | ئاقسۇ ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كوچا باشقارمىسى سانى | 4 دانە |
بازارلىق سانى | 8 دانە |
يېزا سانى | 6 دانە |
نوپۇسى (2015-يىل) | 492,535 [1] |
يەر مەيدانى | 14,528.74 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 997 (0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新N |