شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sherqiy Türkistan Islam Jumhuriyiti)بولسا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمانلار 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەرنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇردى. مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى دەسلەپتە 1931-يىلى قۇمۇلدا كېيىن 1932-يىلى تۇرپاندا كۈرەش باشلاتتى. خوتەندە 1933-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوماندانلىقىدا كۈرەشكە ئاتلانغان جەڭچىلەر خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ خوتەننى ئالغاندىن كېيىن يەكەن ۋە يېڭىسارغىچە ئىلگىرىلەپ كەلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تازىلىدى. قۇمۇل ۋە تۇرپاندىن كەلگەن كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە 1933-يىلى 12-نويابىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
More information گېرب, كۆكبايراق ...
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى |
|
ئومۇمىي ئەھۋال |
|
قۇرۇلۇشى |
1933-يىلى 12-نويابىر |
يىمىرلىشى |
1934-يىلى 16-ئاپرىل |
|
Close