شەجەرەتۇددۇر
From Wikipedia, the free encyclopedia
شەجەرەتۇددۇر ياكى شەجەرۇددۇر (ئەرەبچە: شجر الدر/شجرة الدّر، مەنىسى: ئۈنچە - دۇرلار دەرىخى)، مەملۇكىيلەرنىڭ تۇنجى ھۆكۈمدارى.
شەجەرەتۇددۇر | |||||
---|---|---|---|---|---|
ۋەزىپىسى | سۇلتانە | ||||
كېيىنكىسى | مۇئىزىددىن ئايبەگ | ||||
تۇغۇلغان ۋاقتى | تەخمىنەن 1216 - يىلى | ||||
ۋاپاتى | 1257 - يىلى 28 - ئاپرېل |
ئۇ ئىسلام تارىخىدا يەمەن سۇلەيھىي سۇلتانەسى ئەرۋا بىنت ئەھمەددىن كېيىن ئىككىنچى بولۇپ رەسمىي سەلتەنەت سۈرگەن ئايال سۇلتان ئەلتۇتمىش قىزى رازىيە سۇلتاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئايال ھۆكۈمداردۇر.[1]
شەجەرەتۇددۇرنىڭ تېگى خارەزملىك تۈركلەردىن بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان مۇسۇلمان جۈملىسىدىن ئۈچىنچى[1]، تۈركلەر جۈملىسىدىن ئىككىنچى، مۇسۇلمان مىسىر تارىخىدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئايالدۇر.[2]
ئۇ 1216 - يىلى ئەتراپىدا توغۇلغان بولۇپ[3]، يەتتىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلپ ئۇرۇشىدا خرىستىيانلار مىسىردىكى مەنسۇرەگە قىلغان ھۇجۇمى پەيتىدە ئېرى ئەييۇبىيلەر سۇلتانى سالىھ ئەييۇبىي شىددەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئەسنادا ئۆلىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان مۇئەززەم تۇرانشاھ ھەم سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھ. 648 / م. 1250 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مەملۇك ئەمىرلەر مەرھۇم سۇلتان سالىھ ئەييۇبىينىڭ خانىمى شەجەرەددۇرنى تەختكە چىقىرىپ سۇلتان ئېلان قىلىدۇ. لېكىن قىسقا مۇددەتتىن كېيىن بىر ئايال كىشىنىڭ مۇسۇلمانلارغا پادىشاھ بولۇشى ھەم خەلق ئىچىدە ھەم قوشنا ھاكىمىيەتلەر نەزدىدە خوش كۆرۈلمەيدۇ. بولۇپمۇ، باغدادتىكى ئابباسىي خەلىپىسى (مۇتەسىم بىللاھ) «ئىچىڭلاردا ئەر كىشى يوق بولسا سىلەرگە باغداددتىن ئەر كىشى ئەۋەتەي» دېگەندەك ئېغىر سۆزلەر بىلەن بىر مەكتۇب يېزىپ مەملۇكىيلەرنى تەڭلىكتە قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەجەرەتۇددۇر مەملۇك ئەمىر، تۈركمەنلەردىن بولغان مۇئىزىددىن ئايبېك بىلەن نىكاھلىنىپ، 80 كۈنلۈك سەلتەنىتىدىن كېيىن تەختنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.[4] شۇنىڭ بىلەن تەختكە بىر مەملۇك (قۇل تۈرك) چىققان بولىدۇ ۋە مەملۇكىيلەر سۇلتانلىقى رەسمىي قۇرۇلىدۇ.[5]
ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى تۈركلەردىن دەپ قارىسىمۇ[6]، بەزى دۇنيا تارىخىچىلىرى رۇم، بەدەۋىي، ئەرمەنىي ياكى چەركەس دەپ قارايدۇ.[7][8]