شىنجاڭ ئۆلكىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى سالاھىيىتىدە 6 يىل دەۋام قىلدى.
1949- يىلى، گومىنداڭ ۋە كۇمپارتىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا، جۇ ڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى، گومىنداڭ ئارمىيىسى مەغلۇب بولۇشقا باشلىدى. پېڭ دېخۇەي باشچىلىقىدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىرىنچى دالا ئارمىيىسى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى لەنجۇنى ئىگىلەپ پۈتۈن گەنسۇنى كونترول قىلدى. شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىس ھەربىي كومېتىتى باشلىقى تاۋ سىيۆ، بۇرھان شەھىدى قاتارلىقلار گومىنداڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەزگىلدە جۇڭگو كۇمپارتىيەسى تەرەپدارى جاڭ جىجوڭنىڭ سالاچىلىقى بىلەن، كۇمپارتىيە تەرەپتىن سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ پېڭ لىچۈەن ئىبەرلىدى. شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشى چەكلەندى، ھەتتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە تەسلىم بولۇشقا قىستىدى. 9- ئاينىڭ 25- كۈنى بىرىنچى دالا ئارمىيىسى بىرىنچى ئەترەت ۋاڭ جېننىڭ باشچىلىقىدا ئۈرۈمچىگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى ھالىغا كېلىپ قالدى. 12- ئاينىڭ 17- كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، بۇرھان شەھىدى ئۆلكە رەئىسى بولدى.
1955- يىلى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەت يىغىنى 21- يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، شىنجاڭ ئۆلكىسى بىكار قىلىنىپ، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسى مەمۇرىي رايونى توپراقلىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشكىللەندى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھەيئىتى قۇرۇلدى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ 5 ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرى بولدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىسى تارىخ سەھنىسىدىن تۈشتى.