دونالد ترامپ كىم جوڭ ئۇن 2018 سىىڭگاپور ئۇچىرىششى
From Wikipedia, the free encyclopedia
2018 دونالد ترامپ كىم جوڭ ئۇن ئۇچىرىشىشى بولسا 2018-يىلى سىڭگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئا ق ش جۇمھۇر رەئىسى دونالد ترامپ ۋە شىمالى كورىيە دىموكراتىك جۇمھۇريىتىنىڭ ئالى رەھبىرى كىم جوڭ ئۇن ئوتىرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچىرىشىشى. بۇ ئۇچىرىشىشنىڭ ئاساسى مەقسىتى بولسا ئامىرىكا، شىمالى كورىيە، جەنۇبى كورىيە ئوتتۇرىسىدا چاۋشىيەن ئۇرۇشىدىن ھازىرغە قەدەر ساقىلىنىپ كىلىۋاتقان دۈشمەنلىككە خاتىمە بېرىىش، شۇنداقلار كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادىروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئۇڭۇشلۇق تۈگۈتۈش، شىمالى كورىيەگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئىمبارگونى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى دۈشمەن دۆلەت ئەل باشىنىڭ تۇنچى قېتىم كۈرۈشىشى ھىسابلىندۇ. شۇڭلاشقا، بۇ قېتىمقى يېغىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىمقى ئۇچىرىشىشنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن 2500 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىر سىڭگاپورغا يىغىلىدى.