تۇرپان شەھىرى
From Wikipedia, the free encyclopedia
تۇرپان شەھىرى بولسا ئەسلىدىكى تۇرپان ۋىلايىتى بولۇپ، 2015-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۇرپان شەھىرى بولۇپ قورۇلغان، ھازىر تۇرپان شەھىرى قارمىقىدا بىر شەھەر رايونى، ئىككى ناھىيە بولۇپ، شەھەر رايونى بولسا ئىدىقۇت رايونونى، ئىككى ناھىيە بولسا توقسۇن ناھىيىسى]] ۋە پىچان ناھىيىسىدىن ئىبارەت. تەڭرى تېغىنىڭ بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى پىچان ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى توقسۇن ناھىيىسى، جەنۇبىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، شىمالىي تەرىپى جىمىسار ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 244 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر.
تۇرپان شەھىرى
吐鲁番市.Turpan city | |
تۇرپان شەھىرىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | شەھەر |
دۆلەت | جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە |
شەھەر رايونى سانى | 1 |
ناھىيە سانى | 2 ناھىيە |
نوپۇس | 700 مىڭ |
يەر مەيدانى | 67،562km2 |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 995(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新K |